دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى رەسمىي باشلاندى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان يىغىندا، ئەركىن ئالپتېكىن ۋە سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرمۇ نۇتۇق سۆزلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بۈگۈن باشلاندى.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا بۈگۈن 11 – ئىيۇل كۈنى باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا 25 دۆلەتتىن 150 كە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقى بىلەن باشلانغان يىغىندا، ئەركىن ئالپتېكىن ۋە سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەرمۇ نۇتۇق سۆزلىدى.
يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن باشقا يەنە چەت ئەللىك مېھمانلار، مۇتەخەسسىسلەر، ژۇرنالىستلار، تۈركىي مىللەتلەر جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى ۋە مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
پارىژدا باشلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى 13 - ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.