تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقىنى 4 نەتىجە ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى

مولدوۋا كوماندىسىنى ئەسكىشەھىردە كۈتۈۋالغان تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى، مۇسابىقىنى 0 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

1171018
تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقىنى 4 نەتىجە ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرلاشتۇردى
FOTO_18020937_250320192058130000_R_SPO_20190325000000_aa-picture-20190325-18020937.jpg
FOTO_18020793_250320192049180000_R_SPO_20190325000000_aa-picture-20190325-18020793.jpg
FOTO_18020195_250320191946330000_R_SPO_20190325000000_aa-picture-20190325-18020195.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە-مولدوۋا مۇسابىقىسى «يېڭى ئەسكىشەھىر مەيدانى» دا ئۆتكۈزۈلدى. مولدوۋا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرىدىن ھاسان ئەلى بىر توپ، قائان ئايخان بىر توپ، جەڭ توسۇن ئىككى توپ كىرگۈزدى. تۈركىيە كوماندىسى بۇ نەتىجە بىلەن، 2020-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى H گۇرۇپپىدىكى شاللاش مۇسابىقىلىرىدە، نومۇرىنى 6 گە چىقاردى.

تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن تارتىپلا رەقىپ كوماندىنى بېسىم ئاستىغا ئالدى. تۈركىيە ماھىرى ھاسان ئەلى 24-مىنۇتتا قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزدى. مولدوۋا كوماندىسى بىرىنچى توپنىڭ جىددىيچىلىكنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا، ئارىدىن ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە جەڭ توسۇننىڭ يەنە بىر توپىغا دۇچ كەلدى. نەتىجە 0 گە قارشى 2 بولدى.

جازا توپ پۇرسىتى قولدىن كەتتى...

بۇراك يىلماز 54-مىنۇتتا قولغا كەلگەن جازا توپ پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويدى. تەپكەن توپ يان تەرەپكە كەتتى. 56-مىنۇتتا جەڭ توسۇن تېپىلگەن بۇلۇڭ توپتىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى ۋە نەتىجىنى 3 كە چىقاردى.

تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىرىدا مولدوۋا كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىنى قورشاۋغا ئالدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان قائان ئايخان بىر كاللا توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 4 كە چىقاردى.

تۈركىيە كوماندىسى 15-مارت يېڭى زېلاندىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنى ئۇنتۇمىدى. كوماندا ئەزالىرى مۇسابىقىدىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش جەريانىدا، يېڭى زېلاندىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان داۋۇد نابىنىڭ ئاخىرقى سۆزى بولغان «ياخشىمۇ سەن بۇرادەر؟» (Hello brother) دېگەن خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى ئاچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر