پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (65)

2069817
پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ شىپالىق رولى

پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

 پىروبىيوتىك دورىلار دېگەن نېمە؟

پىروبىيوتىك دورىلار دېگىنىمىز: ئىستېمال قىلىنغىنىدا، ياكى بەدەنگە ئوكۇل قىلىنغىنىدا، تەن سالامەتلىك ئۈچۈن، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، بەدەندىكى ياخشى باكتېرىيەلەرنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان جانلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇقلۇقلار ۋە تولۇقلىمىلاردۇر.

پىروبىيوتىك دورىلار بەدەندىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەردىن ياسىلىدۇ. دەرۋەقە، بەدىنىمىزدە ھەردائىم پايدىلىق ۋە زىيانلىق باكتېرىيەلەر باردۇر. يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردا سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغان زىيانلىق باكتېرىيەلەر بەدەندە تېخىمۇ كۆپ پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا، پايدىلىق باكتېرىيەلەر زىيانلىقلىرىنى يوقىتىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. پىروبىيوتىك دورىلارنى ئوكۇل قىلىش بەدەنگە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تولۇقلاش ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر.

پىروبىيوتىك دورىلار جانلىق مىكرو ئورگانىزملار بولۇپ، ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا سالامەتلىكىمىزگە ئاكتىپ تۆھپە قوشىدۇ. ئۈچەي سىستېمىمىمىزنى تەڭشەش ئارقىلىق ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىش، پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ ئاساسلىق پايدىلىرىدىن بىرىدۇر.

بەدىنىمىزنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى ۋە كالورىيە مىقدارىنى تەڭشەيدىغان پىروبىيوتىك دورىلار ئورۇقلىشىمىزغىمۇ ياردەم بېرىدۇ.

پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ شىپالىق رولى

پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ ئاساسلىق رولى بەدەننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن «پايدىلىق» ۋە «زىيانلىق» باكتېرىيەلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتۇر. قوغدىغۇچى ئۈچەي توسۇقىنى كۈچەيتىدىغان پىروبىيوتىك دورىلار، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ياللۇغنى كونترول قىلىش ئارقىلىق بەدەن ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.

• پىروبىيوتىك دورىلار بەدەنگە كىرگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ھەزىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

• زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• ۋىتامىنلارنىڭ ئېرىشىدە ئۈنۈمى يۇقىرى.

• ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىڭ قان بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• دورىلارنىڭ پارچىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

• بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىنكاسىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئەڭ پايدىلىق تەبىئىي پىروبىيوتىك دورىلار

• بوزا،

• تارھانا،

• نان،

• كېفىر

كېفىر ھەزىم قىلىش مەسىلىلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.

كاپۇستا شاكىرابى

كاپۇستا شاكىرابىنىڭ تەركىبىدە پىروبىيوتىك دورىلار، تالا، ۋىتامىن C ۋە  ۋىتامىن K باردۇر.

ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق

قېتىق پىروبىيوتىك دورىلار ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى شىپا مەنبەسىدۇر. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بىر قاچا ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق ئىستېمال قىلىش، ئەسلىدە پايدىلىق پىروبىيوتىك دورىلارنى ئىستېمال قىلىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ۋە ئانتىبىيوتىكلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

پىشلاق

پىشلاق ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرىدىغان باكتېرىيەنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ تارىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• ئورگانىك ئالما سىركىسى

ئېچىتىلغان مەھسۇلات بولغان ئالما سىركىسى ئۈچەيگە پايدىلىق پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ. 

پىروبىيوتىك دورىلارنىڭ پايدىلىرى ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت، يەل ۋە قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارغا پايدىلىق.

پىروبىيوتىك دورىلار ئاشقازان ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۈچەيدە ياشايدىغان پايدىلىق ۋە زىيانلىق باكتېرىيەلەر ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىش ۋە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ھەزىم قىلىش فېرمېنتلىرىنى قوزغىتىپ، ئىچ سۈرۈش، قەۋزىيەت، يەل ۋە قورساق كۆپۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۈچەيدە تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىشى ئۈچۈن، تەركىبىدە پىروبىيوتىك ماددىلار مول بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

پىروبىيوتىك دورىلار ئورۇقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ

ماي ھەدىدىن زىيادە كۆپ يېمەكلىكلەر، شېكەر، قەنتلىك يېمەكلىكلەر ۋە ساپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئۈچەيدىكى باكتېرىيە مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈچەيدىكى پايدىلىق ۋە زىيانلىق باكتېرىيەلەر ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە  ياغ كۆپلۈك كېسىلىنى داۋالاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. پايدىلىق باكتېرىيەلەر يېمەكلىك يېغىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توختىتىپ، چوڭ تەرەتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ.

چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ئىلمىي تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، قىزىل گۆشنى دائىم ئىستېمال قىلىش ۋە تۆۋەن تالا ئىستېمال قىلىش ئۈچەي راكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋەبلىرى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

يەنە بىر جەھەتتىن، پىروبىيوتىك دورىلار ئۈچەيدىكى باكتېرىيە مۇھىتىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جەريانلارنى توختىتىش ئارقىلىق راكتىن قوغدايدىكەن.

سەزگۈرلۈكنى ئازايتىدۇ

پىروبىيوتىك دورىلار سەزگۈرلۈك كېسىلى ۋە ھۆل تەمرەتكىگە پايدىلىقتۇر، ئاللېرگىيەلىك ئىنكاسلارغا قارشى تەسىرى كۈچلۈكتۇر.

 پىروبىيوتىك دورىلارغا سەل قارىماڭ

پىروبىيوتىك دورىلاردىن باشقا، ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان پىروبىيوتىك دورىلارنىمۇ يېمەك-ئىچمەك تىزىملىكىڭىزگە قوشۇڭ. چۈنكى پىروبىيوتىك دورىلار باكتېرىيەلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بولۇپ، ياخشى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

• (مامكاپ، پىياز، سامساق، كۈدە، بەرەڭگە، تاتلىق زەنجىۋىل قاتارلىق) يىلتىز كۆكتاتلىرىنىڭ،

• (سۇلۇ، بۇغداي قاتارلىق) دانلىق زىرائەتلەرنىڭ تەركىبىدە پىروبىيوتىك ماددىلار بار.

تەركىبىدە پىروبىيوتىك ماددىلار بار بولغان ئۇزۇقلۇقلارنى بۇ يېمەكلىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىمىزگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر