ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى

شىپا بۇلىقى (61)

2060826
ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى

ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى

(دوكتور مەھمەت ئۇچا)

ئۇن سېغىزى (ئۇننىڭ كىراخمالىنى يۇيۇپ چىقىرىۋالغاندىن كېيىن قېپقالىدىغان ئېلاستىك ئاقسىل ماددا)  بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي قاتارلىق نۇرغۇن دانلىق مەھسۇلاتلاردا بولىدىغان ئاقسىلنىڭ بىر تۈرىدۇر.

ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى:

ئۈچەي سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ئەھۋاللاردا، ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىمىنىشىگە ئەگىشىپ ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئۈچەي ئۇن سېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنى ھەزىم قىلىشتا قىينىلىدۇ. بۇ ۋاقىتلىق يېمەكلىك سەزگۈرلۈكى بولغان ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى قوزغالغان ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى ئۈچەي سىستېمىسىنى قوغداش، كۈچەيتىش، ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش ۋە پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق داۋالاشقا تېگىشلىك كېسەللىكتۇر.

ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلىنى ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ، قورساق بوشلۇقى كېسىلىنى داۋالاشتا بولسا، بىر ئۆمۈر ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇش

ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇش - تەركىبىدە ھېچ ئۇن سېغىزى ماددىسى بولمىغان ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. ئەگەر بىمارنىڭ قورساق بوشلۇقى كېسىلى ياكى ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى ئېغىر بولسا پەرھىز تۇتۇشىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.

ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلى

بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، سۇلۇ ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ (نان، تورت، پېچىنە-پىرەنىك، بولكا، باكلاۋا قاتارلىق) ئۇنىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق يېمەكلىكلەر، ئارپا ۋە يىرىك ئۇن قاتارلىقلار ئۇن سېغىزى سەزگۈرلۈكى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قورساق بوشلۇقى بىمارلىرىنىڭ سۇلۇدىن پەرھىز قىلىشى ياكى يىراق تۇرۇشى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ باردۇر.

ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك بىمارلار نېمىلەرنى يېيىشى كېرەك؟

دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە گۈرۈچ، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، بەرەڭگە قاتارلىقلارنىڭ ئۇنلىرى ۋە ئۇلاردىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تەركىبىدە ئۇن سېغىزى  بولمىغان دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇنلىرىنىڭ بولۇشى قورساق بوشلۇقى بىمارلىرىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرماقتا. بىر ئۆمۈر ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك قورساق بوشلۇقى كېسىلى بىمارلىرى تەركىبىدە ئۇن سېغىزى بولمىغان ئۇزۇقلۇقلارنى تاللاپ ئىستېمال قىلسا بوللىدۇ.

تەركىبىدە ئۇن سېغىزى  بولمىغان يېمەك – ئىچمەكلەر:

• ئىچىملىكلەر: قەھۋە، چاي ، ئايران، گۈلسۇرۇخ

• سۈت: يېڭى سۈت، قويۇق سۈت، تالقان سۈت، قېتىق، قايماق

• گۆش، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، باشقا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى

• پىشلاق: ئاق پىشلاق، خام پىشلاق، قاشار پىشلاق، قايماق پىشلاق.

• بەرەڭگە ۋە باشقا كىراخمال يېمەكلىكلىرى: بەرەڭگە، گۈرۈچ، تەركىبىدە ئۇن سېغىزى  بولمىغان ئۈگرە

• دانلىق زىرائەتلەر: قوناق، گۈرۈچ ۋە ئۇلاردىن ياسالغان مەھسۇلاتلار (مەسىلەن، قوناق نان، قوناق ئۇمىچى  دېگەندەك ...)

• نان: پەقەت رۇخسەت قىلىنغان ئۇن بىلەنلا ياسالغان نانلار (مەسىلەن كۆممىقوناق نېنى، قارا بۇغداي نېنى)

• ئۇن: كۆممىقوناق ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، قىچا ئۇنى، بەرەڭگە ئۇنى، گۈرۈچ ئۇنى، پۇرچاق ئۇنى، خاسىڭ ئۇنى، ياڭاق ئۇنى، يېسسىمۇق ئۇنى، بۇلارنىڭ بارلىق كىراخماللىرى.

• كۆكتاتلار: بارلىق كۆكتاتلار، پۇرچاق، يېسسىمۇق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكىلەر

• مېۋە - چىۋىلەر: بارلىق مېۋىلەر، بارلىق مېۋە شەربەتلىرى

• ماي:  سېرىق ماي، زەيتۇن يېغى، خاسىڭ يېغى، يەر ياڭىقى يېغى قاتارلىق مايلار.

• شورپا: ئۆيدە ئۇن - خۇرۇچسىز ئېتىلگەن بارلىق شورپىلار

• تاتلىق - تۇرۇملار: ھەسەل، مۇراببا، شېكەر، شاكىلات، سۈتلاچ قاتارلىق ئۇنسىز تاتلىق – تۇرۇملار.

• باشقىلار: تۇز، قارىمۇچ، پىننە، زەنجىۋىل، دارچىن، سودا، قىچا، زەيتۇن يېغى، قىزىلمۇچ، پەمىدۇر قىيامى.

 ئۇن سېغىزىدىن پەرھىز قىلىشتا بىمارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇقلار:

• ئىچىملىكلەر: ئىشقارلىق قەھۋە، تەركىبىدە ئۇن سېغىزى  ماددىسى بولغان بەزى ئۆسۈملۈك چايلىرى

• سۈت: شاكىلاتلىق سۈتلەر، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان قايماقلار

• گۆش، بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، ئۇنلۇق تەركىبلەر بىلەن تەييارلانغان گۆش، بېلىق قاتارلىقلار.

• پىشلاق: تەركىبىدە دانلىق مەھسۇلاتلار بار پىشلاقلار

• بەرەڭگە ۋە باشقا كىراخمال يېمەكلىكلىرى: بارلىق ماكارنا، ئۈگرە تۈرلىرى

• دانلىق زىرائەتلەر: بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، سۇلۇ، كېپەك، بۇلغۇر

• نان: ئاق نان، بارلىق بۇغداي، ئارپا، قارا بۇغداي، سۇلۇ ۋە بۇلغۇر نانلىرى.

• ئۇن: بۇغداي ئۇنى، ئارپا ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، سۇلۇ ئۇنى، تېرىق ئۇنى

• كۆكتاتلار: ئۇن سېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەركىبلەر بىلەن تەييارلانغان كۆكتاتلار.

• مېۋە - چىۋىلەر: بەزى ئىشقارلىق مېۋە ۋە مېۋە شەربەتلىرى، ئۇن خۇرۇچلىرى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بەزى قۇرۇق مېۋىلەر.

• ماي: ئىشقارلىق مايلار

• شورپا: تارھانا، ئۈگرە، قوي، كالا قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدىن ياسالغان ھەر خىل ئىشقارلىق ۋە تەييار شورپىلار.

• تاتلىق - تۇرۇملار: باقلاۋا، رەۋانى، ئۇن ھالۋىسى، تۇلۇمبا، شۆبىيەت قاتارلىقلار.

• باشقىلىرى: پەمىدۇر قىيامى، ياۋا تۇرۇپ، ئېچىتقۇ

 بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئۇن سېغىزى بار. شۇڭا ئېھتىيات قىلىشقا ۋە تەكشۈرۈپ ئىستېمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

• خۇشپۇراق ۋە تېتىتقۇ ئارىلاشمىلىرى

• كىراخماللىق يېمەكلىكلەر،

• تەركىبىدە كۆكتات ئاقسىلى بار يېمەكلىكلەر،

• «سالام سۇجۇق» قاتارلىق مەھسۇلاتلار،

• قىياملار،

• بېلىق مەھسۇلاتلىرى،

• ئۇرۇقلاش ئۈچۈن تەييارلانغان ئىشقارلىق يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى،

• تەييار يېمەكلىكلەر ،

• كونسېرۋالار،

• تاتلىق - تۇرۇملار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر