ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاشتىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى

بىلىۋېلىڭ (56)

2045015
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاشتىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاشتىن ياسالغان جەسەت ساندۇقى

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاشتىن ياسالغان جەسەت ساندۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

1887-يىلى لىۋاننىڭ سايدا شەھىرىدىن تېپىلىپ، ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئېغىرلىقى 25 توننا كېلىدىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاش جەسەت ساندۇقى ئەڭ چوڭ  تاش جەسەت ساندۇقلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاش جەسەت ساندۇقى تۇنجى تۈركىيەلىك ئارخېئولوگ ۋە تۈركىيە مۇزېيشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان ئوسمان ھەمدى ئەپەندى تەرىپىدىن لىۋاننىڭ سايدا شەھىرىدىن تېپىلغان.

ئوسمان ھەمدى ئەپەندى 1887-يىلى سايدا شەھىرىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋامىدا بىر خان جەمەتى قەبرىستانلىقىنى تاپىدۇ. بۇ قەبرىستانلىقتىن پادىشاھلارغا ئائىت 22 دانە تاش جەسەت ساندۇقى چىقىرىلىدۇ. يەر ئاستى قەبرىستانلىقىنىڭ ھۇجرىلىرىدا سايدا پادىشاھلىرىغا تەۋە بىر قاتار تاش جەسەت ساندۇقلىرىنىڭ تېپىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ. ئارقىدىنلا بۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان ژۇرناللاردا خەۋەر قىلىنىدۇ. بۇ يەردىن تېپىلغان تاش جەسەت ساندۇقلىرى ئىستانبۇلغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇلار ئارىسىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاش جەسەت ساندۇقى ئارخېئولوگىيە دۇنياسىدىكى نادىر يادىكارلىقلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاش جەسەت ساندۇقى ئۆزگىچە قاپارتما نەقىشلىرى، نەپىس بوياقلىرى ۋە مىسلىسىز ئېسىل بېزەكلىرى بىلەن ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم يادىكارلىقلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

سايدا پادىشاھى ئابدالونىموسقا تەۋە دەپ قارالغان بۇ تاش جەسەت ساندۇقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4-ئەسىرگە ئائىت. بۇ تاش جەسەت ساندۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپىنىڭ بىر چېتىگە ماكېدونىيە پادىشاھى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ پارسلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى تەسۋىرلەنگەن قاپارتما نەقىشلەر چۈشۈرۈلگەن. تاش جەسەت ساندۇقىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە بولسا دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئوۋ ئوۋلاش مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن. لايىھەلىنىشى قەدىمكى گىرېك بۇتخانىلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ تاش جەسەت ساندۇقى گىرېكلارنىڭ داڭلىق بەش بۇرجەكلىك مەرمەر تېشىدىن ياسالغان. ئۈستى تەرىپى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە رەڭلىك قاپارتما نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بۇ تاش جەسەت ساندۇقىنىڭ كىم تەرىپىدىن ياسالغانلىقى نامەلۇم.

1999-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تاش جەسەت ساندۇقىنىڭ ئەسلىدىكىدىن بەش ھەسسە كىچىك بىر نۇسخىسى، ياپونىيەنىڭ كەشىۋازاكى رايونىدىكى تۈرك كەنتىدە كۆرگەزمە قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە ياسىلىپ، ياپونىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. بۇ تاش جەسەت ساندۇقىنىڭ ئەسلىدىكىدىن بەش ھەسسە كىچىك يەنە بىر نۇسخىسى بولسا 2014-يىلى سكوپ ژې شەھىرىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن ماكېدونىيە دۆلەتلىك ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر