ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر.

2031618
ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

ئىبراھىمغا سالام بولسۇن!

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساففات سۈرىسى، 108 - 133 - ئايەتلەر. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق[108]. ئىبراھىمغا سالام بولسۇن![109] بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[110]. ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[111]. ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق[112]. ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ[113]. بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق[114]. ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق[115]. بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى[116]. ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق[117]. ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق[118]. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق[119]. مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن![120] بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[121]. ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[122]. ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[123]. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[124] سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟[125] ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[126]. ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127]. پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[128]. كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129]. ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130]. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[131]. ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[132]. لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[133].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر