ئۈزۈمنىڭ ئانا يۇرتى ئانادولۇ

بىلىۋېلىڭ (41)

2001503
ئۈزۈمنىڭ ئانا يۇرتى ئانادولۇ

ئۈزۈمنىڭ ئانا يۇرتى ئانادولۇ

ئۈزۈمنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ ئانادولۇ ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئۈزۈم تارىختىكى ئەڭ قەدىمكى مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۈزۈمنىڭ ئانا يۇرتى ئانادولۇدۇر. كىلىماتى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ئەڭ ماس كېلىدىغان، تۇپرىقى مۇنبەت ئانادولۇدا ئۈزۈمچىلىك تەخمىنەن ئالتە مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئانادولۇدا ئۈزۈمچىلىكنىڭ تارىخى ھىتىتلار دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ.  ئەنقەرەدىكى ھىتىتلار دەۋرىدىن قالغان ئانادولۇ مەدەنىيەتلەر مۇزېيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللارغا تۇتىشىدىغان ساپ ئالتۇندىن ياسالغان شاراپ جاملىرى ۋە شاراپ قەدەھلىرى ئانادولۇدا بايقالغان ئەڭ قەدىمكى شاراپ قاچىسى ھېسابلىنىدۇ. پارس تىلىدا «ئۈزۈم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئەنگۈرۈ» ئىبارىسىمۇ ئەنقەرە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كونا ئىسىملاردىن بىرى. ئەنقەرە ۋە ئەتراپى تارىخ بويىچە ئۈزۈم يېتىشتۈرۈلىدىغان ئەڭ مۇھىم رايونلاردىن بىرى بولغاچقا، «ئەنگۈرۈ» دېگەن بۇ ئىسىم ئۇزۇن مۇددەت قوللىنىلغان.

گەرچە تۈركىيەنىڭ ھەر بىر رايونىدا نۇرغۇن ئۈزۈم سورتى ئۆستۈرۈلسىمۇ، بىز «ئۈزۈمنىڭ پايتەختى» دەپ ئاتايدىغان شەھەر ئەگە رايونىغا جايلاشقان مانىسا ۋىلايىتىنىڭ ئالاشەھىر ناھىيەسىدۇر. ئالاشىھەردە ئۆستۈرۈلىدىغان ئۇرۇقسىز ئۈزۈم سورتى دۇنياغا داڭلىقتۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە شاھزادىلەر ئۆسۈپ يېتىلگەن شەھەر مانىسادا ئۆستۈرۈلىدىغان بۇ ئۈزۈمنىڭ تەمى، پۇرىقى ۋە قۇرۇلمىسى بىلەن «سۇلتانلارغا لايىق» دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، «سۇلتانىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. سۇلتانىيە ئۈزۈمى ھۆل ياكى قۇرۇتۇلۇپ ياۋروپادىكى 122 دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنماقتا.

قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىدىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغىچە، تېرە ساغلاملىقىدىن راكقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە شىپا مەنبەسىدۇر. قۇرۇق ئۈزۈمدىكى مىنېرال ماددىلار چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، زېھنىنى يىغىش ئىقتىداىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ماگنىي مىنېرال ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، سۆڭەك ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، مۇسكۇللارنىڭ ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تەڭشەيدۇ. ئۈزۈمدىكى تۆمۈر مىنېرال ماددىلار قاننىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقلا، ئۇنىڭدىكى كالىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە يۈرەكنىڭ دائىم ئىشلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

 قىسقىسى، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە تاپقىلى ۋە ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغان قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ پايدىسىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر