بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز

ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا ـ بوۋاڭلار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دەيدۇ.

1985702
بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز

بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەبەئ سۈرىسى، 41 - 54 - ئايەتلەر. ئۇلار ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس، سەن. (ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى) بەلكى جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى»[41]. بۈگۈن سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، بىز (ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنغۇچى) زالىملارغا: «سىلەر چىنپۈتمىگەن دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار» دەيمىز[42]. ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت سىلەرنى ئاتا ـ بوۋاڭلار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن توسماقچى بولغان ئادەمدۇر» دەيدۇ ھەمدە ئۇلار: «بۇ پەقەت توقۇلغان يالغان سۆزدۇر» دەيدۇ. كاپىرلارغا ھەقىقەت يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى[43]. ئۇلارغا ئوقۇيدىغان ھېچقانداق كىتابلارنى ئاتا قىلغىنىمىز يوق. سەندىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچقانداق پەيغەمبەرمۇ ئەۋەتكىنىمىز يوق[44]. ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئۇلار (يەنى ئىلگىرىكىلەر) ئېرىشكەن كۈچ ـ قۇۋۋەتنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىگەن، ئۇلار مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمنى ئىنكار قىلدى. ئۇلارغا مېنىڭ جازايىم قانداق بولدى؟[45] ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[46]. ئېيتقىنكى، «سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، ئۇ سىلەرگە بولسۇن؛ ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[47]. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم، ھەقىقەتەن ھەق ئارقىلىق (باتىلنى) ئاتىدۇ (يەنى پاكىتنى روشەن بايان قىلىدۇ)، ئاللاھ غەيبنى تامامەن بىلگۈچىدۇر»[48]. ئېيتقىنكى، «ھەق (يەنى ئىسلام) كەلدى (باتىل يوقالدى)، باتىل (بىرەر مەخلۇقنى) پەيدا قىلالمايدۇ، (يوقالغان بىرەر مەخلۇقنى) ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ»[49]. ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھيى قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر»[50]. ئەگەر سەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ قورقۇپ قاچىدىغان يەر تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دوزاخقا (ئېلىپ بېرىلىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا) يېقىن جايدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرەتتىڭ)[51]. ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە): «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ يىراق جايدىن ئىماننى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ[52]. ئۇلار ئىلگىرى ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلار غەيب (ئىشلىرى) ئۈستىدە يىراق جايدىن قارىسىغا سۆزلەيدۇ[53]. ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرى (يەنى ئىمان ئېيتىش ۋە جەننەتكە كىرىش) ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىندى. ئۇلارغا ئىلگىرى ئۇلارغا ئوخشاشلارغا قىلىنغاندەك قىلىندى. چۈنكى ئۇلار ھازىر ئىمان كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۈستىدە (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) چوڭقۇر شەكتە ئىدى[54].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر