ئارا گۈلەر

بىلىۋېلىڭ (23)

1945795
ئارا گۈلەر

ئارا گۈلەر

خەلقئارا سەھنىدىمۇ فوتو سۈرەتلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر تۈرك فوتوگراف ئارا گۈلەر ئۈچۈن «ئىستانبۇلنىڭ كۆزى» ئاتالغۇسىنىڭ  ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ئارا گۈلەر، تۈركىيەدە فوتو سۈرەت تىلغا ئېلىنغان ھامان تۇنجى بولۇپ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغان كېلىدىغان شەخسلەردىن بىرى. ئۇستا فوتوگراف ئارا گۈلەر، 1928-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، 90 يىللىق ھاياتىدا پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، دۇنيانىڭ فوتو سۈرەت ساھەسىدىمۇ مۇھىم شەخسلەردىن بىرى.

كىچىكىدىلا كىنونىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئارا گۈلەر، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، دادىسى ئېلىپ بەرگەن  35 مىللىمېتىرلىق سىن ئېلىش ئاپپاراتى ۋە فوتو سۈرەت ئاپپاراتى بىلەن فوتو سۈرەت مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەشكە باشلايدۇ. يەنە بۇ مەزگىلدە كىنو ئىستۇدىىيەلىرىدە كىنوچىلىقنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدىمۇ ئىشلەيدۇ ۋە تىياتىر ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ژۇرنالىست بولۇشنى قارار قىلىدۇ.

1961-يىلى ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «‹ Photography Annual› گېزىتى»، ئۇنى «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يەتتە فوتوگرافتىن بىرى» قىلىپ بېكىتىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئامېرىكا ژۇرنىلى فوتوگرافلار جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە بۇ  جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەدىن كەلگەن بىردىنبىر ئەزاسى بولۇپ قالىدۇ. فوتو سۈرەت دۇنياسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم خەۋەرلىرىدە ئۇنىڭ فوتو سۈرەتلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

ئارا گۈلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە ۋە پارىژدا تۈرلۈك فوتو سۈرەت  كۆرگەزمىلىرىنى ئاچىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ، فوتو سۈرەت ھەققىدە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ ۋە بۇ سۆھبەتلەرنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىدۇ.

ئارا گۈلەر، ئۆزىنى «نەق مەيدان فوتوگراف» دەپ ئاتايدۇ ۋە كەسپىي ھاياتىدا چارلېز دېگول، ئىسمەت ئىنۆنۈ،  ۋىنستون چېرچىل، ئىندىرا گەندى، جون بېرگېر، بېرتراند رۇسسېل، بىل براندت، ئالفرېد ھىتكوك، ئەنسېل ئادامس، ئىموگېن كاننىڭخام، سالۋادور دالى، مارىيا كاللاس، فىكرەت مۇئاللا، پابلو پىكاسسو قاتارلىق ئالاقە ئورنىتىش ئىنتايىن قىيىن بولغان مۇھىم شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى تارتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى پىكاسسو بولۇپ، ئۇ ھاياتىدا باشقا فوتوگرافلار بىلەن ھېچ رەسىمگە چۈشمىگەندۇر.

2000-يىلى فىرانسىيەدە لېيگون دىئوننۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئارا گۈلەرنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى فىرانسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە گېرمانىيەدىكى ھەر خىل  مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. «فوتو سۈرەت سەنئەتكارى» نامىنى قوبۇل قىلمىغان ئارا گۈلەر، ھەردائىم ئۆزىنىڭ «فوتو سۈرەت مۇخبىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر