ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە ئاياسوفيا

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئاياسوفيا ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1819720
ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە ئاياسوفيا

ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگىچە ئاياسوفيا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۇنجى قېتىم بارغان يېرىڭىزدە نېمىلەرنى كۆرۈشنى خالايسىز؟ ئۈستى ئوچۇق جايلار ۋە مەيدانلارنىمۇ ياكى مۇزېيلار ۋە تارىخى ئىمارەتلەرنىمۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە ھەر كىشىنىڭ قىزىقىشى، ياقتۇرۇشىغا باغلىق. ئەمما، مەدەنىيەت ساياھىتى نۇقتىسىدىن قارالغىنىدا، دىنىي ئىمارەتلەر زىيارەت قىلىنىدىغان جايلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا شەھەر بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن، بەزىدە شەھەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بۇ ئىمارەتلەر، دىندىن مۇستەقىل جايلارغا ئايلىنىپ، بىناكارلىقى ۋە ئىچىنىڭ لايىھەلىنىشى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىدۇ. بىر دىنىي ئىمارەتنىڭ ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى كىشىلەر ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بىنانىڭ ھەيۋىتىدۇر. چۈنكى بۇ قۇرۇلۇشلار سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇش ۋە تەڭداشسىز بولۇش ئىدىيەسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سېلىنىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ زامانىمىزدا بۇتخانىلار، چېركاۋلار ۋە مەسچىتلەر زىيارەتچىلەر بىلەن تولۇپ تاشماقتا.

ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپا شەھەرلىرىدە نۇرغۇن چوڭ چېركاۋلار خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى، چېركاۋنىڭ دەخلىسىزلىكى ۋە ئىنساننىڭ چارىسىزلىقىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە سېلىناتتى. لېكىن، ئۇلاردىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى، بۇ زېمىنلاردا ئاساسوفياغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك بىناكارلىق ئابىدىلىرى تىكلىنىپ بولغانىدى.

* * * * *

ئاياسوفيا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تارىخنىڭ ھەر بىر دەۋرىدە سىياسىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان بولۇپ، بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇش توققۇز يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چېركاۋ، بەش يۈز يىلغا يېقىن مەسچىت ۋە 86 يىل مۇزېي سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە ئىشىكىنى ئاچىدۇ؛ ئۇ 2020 - يىلى قايتىدىن مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ئاياسوفيا شەرقىي رىم ياكى ھەممىگە ئايان نامى بويىچە ئېيتقاندا، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى قۇرغان ئەڭ چوڭ چېركاۋ... ئۇ سېلىنغان ۋاقتىدا، ئېھرامدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ بىنا بولۇپ، ئۇ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۇدا مىڭ يىل بويىچە ساقلاپ قالىدۇ. ئۇ ئوخشاش بىر جايغا ئۈچ قېتىم سېلىنغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم سېلىنغاندا، مېگالې ئېكلېسىيا، يەنى «چوڭ چېركاۋ» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، قايتا سېلىنغان چېغىدا «مۇقەددەس ھېكمەت» دېگەن مەنىدە ئاياسوفيا دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ بىنا شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل بولۇپ، ئەينى دەۋردىكى ئەڭ داڭلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولغان پاۋلوس مىڭ مىسرادىن ئارتۇق ئېپوس شېئىرىنى يېزىپ ئۇنى ماختايدۇ؛ ئۇنىڭ بىناكارلىقى، قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ۋە موزايكانىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. پاۋلوسنىڭ 6 - ئەسىردە يازغان بۇ ئەسىرى، تىلى بولمىغان بىر قۇرۇلۇشقا ئاۋاز بېغىشلايدۇ ۋە ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىر پايدىلىنىش مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

* * * * *

ئاياسوفيا ھەر جەھەتتىن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتسىمۇ، ئەمما ئۇنى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ قۇرۇلۇشى دېگەن نامغا ئېرىشتۈرگىنى تەڭداشسىز چوڭلۇقتىكى گۈمبىزىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئېگىز ۋە كەڭ گۈمبىزى — ھەر ئىككىسى سىرتتىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنسە، ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى ھەجىم بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىۋادرات پىلانىغا ئاساسەن ياسالغان يەككە ۋە يوغان گۈمبەز ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچى ۋە ئۇلۇغلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىش مەقسىتىدە لايىھەلىنىدۇ. ئۇ كىشىنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرىدۇكى، ياسالغان ۋاقىتىدا دۇنيانىڭ سەككىزىنچى مۆجىزىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

ئاياسوفيا ئۈچۈن ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەرلەردىن ماتېرىياللار ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئانادولۇ ۋە سۈرىيەنىڭ قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى ئەفەستىكى ئارتېمىس بۇتخانىسىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدۇر. ئاياسوفيادا ئىشلىتىلگەن ئاق، يېشىل، ھالرەڭ ۋە سېرىق مەرمەرلەر ئىمپېرىيەنىڭ مارمارا ئارىلى، گىرېتسىيە ۋە سۈرىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچكى تاملىرى ۋە پوللىرى پۈتۈنلەي مەرمەر تاش بىلەن قاپلىنىدۇ. بۇ يەردە ئىشلىتىلگەن مەرمەر تاشلارنىڭ ھەممىسى چوڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ سىممېتىرىك شەكىلدە ياتقۇزۇلىدۇ.

* * * * *

ئاياسوفيا سېلىنغان كۈنىدىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ۋە ئوخشىمىغان ئېتىقادلارغا شاھىت بولىدۇ. دۇنيادا بۇنداق سەنئەت، بىناكارلىق ۋە دىنىي قىممەتكە ئىگە مۇھىم قۇرۇلمىلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئاياسوفيا بۇتپەرەسلىك، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتىنمۇ، سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى جەھەتتىنمۇ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

ئاياسوفيانىڭ ئىسمى تارىختىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر تارىخىي ۋە سىياسىي تېكىستلەردە، ھەتتا رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ شۇنچىلىك مۇكەممەل ۋە جەلپ قىلارلىقكى، خەلق ئارىسىدا بۇ پىلاننى ئىنسانلار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن نامەلۇم ئالەمگە مەنسۇپ بىرىنىڭ سىزغانلىقى توغرىسىدا سۆز – چۆچەكلەرمۇ تارقىلىدۇ. بۇ رىۋايەت، ئىنسان ئەقلىنىڭ بۇنداق كاتتا قۇرۇلۇشنى لايىھەلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش مەقسىتىدە تىلدىن تىلغا تارقىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەڭ باشتىن تارتىپلا ئۇنىڭ بىكارلىرىنىڭ ئىسمى ھەممىگە مەلۇم ئىدى.

* * * * *

ئاياسوفيا توققۇز يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بويىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ سېلىنغان كۈندىن باشلاپ بارلىق ئىمپېراتورلارنىڭ تاج كىيىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1453 - يىلى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ ئىستانبۇلنى بويسۇندۇرۇشى بىلەن باشقىچە سالاھىيەتكە ئىگە بولىدۇ. فاتىھ سۇلتان مەھمەت، خىرىستىيان دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ بىنانى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇنار، مۇنبەر ۋە مىھراب قاتارلىق ئىسلام ئېلېمېنتلىرىنى قوشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاياسوفيا ئوسمانلى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانلىرىنىڭ بىرىنى سۇلتان ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە باشتىن كەچۈرىدۇ. ئىتالىيەدىن كەلگەن فوساتى ئاكا - ئۇكىلار، بىنانىڭ گۈمبەز، راۋاق ۋە تۈۋرۈك قاتارلىق ئاساسلىق ئېلېمېنتلىرىنى، شۇنداقلا ئىچى ۋە سىرتىنى زىننەتلەيدۇ. بۇ رېمونت جەريانىدا، ئىتالىيەلىك بىر ئۇستا تامدىن تۆكۈلگەن موزايكىلاردىن پايدىلىنىپ سۇلتان ئابدۇلمەجىدنىڭ مۇھۇرىنى ياساپ چىقىدۇ. بۇ ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ موزايكا پارچىلىرىدىن ياسالغان بىردىنبىر مۇھۇرى بولۇپ قالىدۇ.

* * * * *

1923 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاياسوفيا يەنە بىر قېتىم كىملىك ئۆزگەرتىپ، مۇزېي سۈپىتىدە زىيارەتچىلەرگە ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئاياسوفيا بەيگە مەيدانى، ئايا ئىرىنى، كىچىك ئاياسوفيا جامەسى ۋە توپقاپى سارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئارخېئولوگىيەلىك باغچە» رامكىسى ئىچىدە ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئورتاق مىراسى 2020 - يىلى ئاياسوفيائى كەبىر جامەئى شەرىف نامى بىلەن قايتىدىن جاماگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ئاياسوفيا بۇ تۇپراقلارنىڭ ئىككى چوڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ سەنئەت، بىناكارلىق ۋە تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم يادىكارلىقى بولۇپ، بىناكارلىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن ئېلېمېنتلىرى، موزايكالىرى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ «جامە يېزىق يۈرۈشلۈكلىرى» بىلەنمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. گەرچە غايەت زور ھەجىمگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىدىكى ئاددىي گۈزەللىكنىڭ ھەيۋىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە سالام بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر