تۈركىيە - ياۋروئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 55

1563612
تۈركىيە - ياۋروئاسىيا مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر

2020 – يىل پەنجىرىسىدىن تۈركىيەنىڭ - ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر.

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2020-يىلى «كوۋىد 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن  زىيارەت قىلغىلى بولمىغان، چېگرا ئېغىزلىرى پات-پات تاقىلىپ قالغان، ئىقتىسادىي ساھە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بىر يىل بولدى. شۇنداقتىمۇ، تۈركىيە ياۋروئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى جانلىق تۇتۇشقا تىرىشتى. يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرلىىدا بىر قاتار ئۆزئارا زىيارەتلەر ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2020-يىلى، 7 يانۋار كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، «تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگ يىل بويى داۋاملاشتى، ئىزچىل مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيە، لىۋىيە ۋە ئەزەربەيجاندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇلدى.

2020-يىلى، تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆزئارا زىيارەتلەردە بولدى. ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى زىيارەتلەر يىل بويى داۋاملاشتى. تۈركىيە ئۇكرائىنا  دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن،  تۇنجى قېتىم «ئىككى قوشۇلغان ئىككى» فورماتسىيەلىك يىغىن چاقىرىلدى. دۆلەت مۇداپىئەسىدىن ئىقتىسادقىچە بولغان تۈرلۈك ساھەلەردە مۇھىم كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2020-يىلى ئەزەربەيجاندا ئۇدا  ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولدى. ئەزەربەيجان پارلامېنت باشلىقى ساھىبە گافاروۋا تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەگە ئىشقا ئاشۇردى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپمۇ، بۇنىڭغا ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.

تاغلىق قاراباغنىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنىشى باسقۇچىدا ئەزەربەيجاننى تولۇق قوللىغان تۈركىيە، 2020-يىلى ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزدى. بۇ دائىرىدە، بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلار ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن كىملىك ​​بىلەنلا ئۆتۈپ، ئۆزئارا زىيارەتلەردە بولۇشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، 2020-يىلى، 27-ئۆكتەبىردىن 28-ئۆكتەبىرگىچە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتلەردە بولدى. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقى مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىشى؛ ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنىڭ كۈچەيتىلىشى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە قېرىنداشلىق قولىنىڭ سۇنۇلۇشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 تۈركىيە، «كوۋىد 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، 2020  - يىلى  باشتىن - ئاخىر ياۋروئاسىيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىگە ياردەم قولىنى سۇندى. تۈركىيە بۇ دۆلەتلەرگە تېببىي لازىمەتلىكلەردىن سىرت يەنە، دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ۋە رېمۇنت قىلىنىشى، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ياردەم قولىنى سۇندى.

 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ «كوۋىد 19» يۇقۇمى باسقۇچىدىكى دوختۇر يېتىشمەسلىكتەك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى كەسپىي ئۇنۋانغا ئېرىشىش يولىدا بىلىم تەجرىبە ئاشۇرۇۋاتقان دوختۇرلارنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ، بىمارلارنى دۋالىشىغا رۇخسەت قىلدى.  تۈركىيەنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ سەھىيە خادىملىرى، ئىزمىردىكى كارانتىن ئارىلىدا، «كوۋىد 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش سەپىرىگە ئاتلاندى.

«كوۋىد 19» يۇقۇمى مەزگىلىدە، تۆمۈر يول تىرانسپورتى مۇھىم قاتناش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. 2020-يىلى، تۈركىيەدىن قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە خىتايغا تۇنجى قېتىم يۈك پويىزلىرى ئەۋەتىلدى. ترانزىت دۆلەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان تۈركىيە، «كوۋىد 19» يۇقۇمىغا قارىماي، قاتناشنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور  تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىشى، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يىغىپ ئېيتقاندا، 2020-يىلى، تۈركىيە ياۋروئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇردى. رايوندىكى دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر يېڭى سەۋىيىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر