دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ بەشىكتاشتا ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دېڭىزچىلىق مۇزېيى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1324693
دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ بەشىكتاشتا ئېچىلىشىنىڭ سەۋەبى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىدا ئېچىلىشى بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئوسمانلى دېڭىز قىسىملىرى 16 – ئەسىردىن 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھەريىلى باھار ئېيىدا بەشىكتاش پورتىدىن يۈرۈشكە ئاتلىناتتى.  غايەت زور ھەجىملىك يەلكەنلىك ئۇرۇش كېمىلىرى يۈرۈشكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن پورتقا كېلىپ بىر قانچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن مۇراسىملار بىلەن يولغا سېلىناتتى. ئوسمانلى دېڭىزچىلىقىدا بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان بۇ مۇراسىملار، بەشىكتاشنىڭ دېڭىزچىلىق تارىخىدا ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

16 – ئەسىردە داڭلىق تۈرك دېڭىزچى بارباروس ھايرەتتىن پاشا بەشىكتاش ئېقىنىنىڭ بېشىغا جامە ۋە مەدرىسە سالدۇردى.  ۋاپاتىدىن كېيىن مىمار سىنان تەرىپىدىن بەشىكتاش مەيدانىغا سالدۇرۇلغان مەقبەرەگە دەپنە قىلىندى. بۇ كاتتا دېڭىزچىغا بولغان ھۆرمەت دېڭىزچىلار بىلەن بەشىكتاش ئارىسىدا كۆڭۈل رىشتىسى پەيدا قىلدى. شۇ ۋەجىدىن تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر دېڭىزچىلىق مۇزېيىنىڭ 1961 – يىلىدىن بۇيان بەشىكتاشتا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇشى دېڭىزچىلىق تارىخى نۇقتىسىدىن ئۆزگىچە مەنىلەرگە ئىگىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر