تۈرك تاتلىق يېمەكلىرىدىن «كەشكۈل»

تۈرك تاتلىق يېمەكلىرىدىن تۈركلەرگە خاس «كەشكۈل» نى ئېتىش ئۇسۇلى.

1160797
تۈرك تاتلىق يېمەكلىرىدىن «كەشكۈل»

تۈرك تاتلىق يېمەكلىرىدىن «كەشكۈل»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تاتلىق يېمەكلىكلەر تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسنىڭ سارايلىرىدا ياكى خەلق ئارىسىدا تاتلىق يېەمكلىكلەر ھەردائىم ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. تاتلىق يېمەكلىكلەر، زىياپەتلەردە، مۇراسىملاردا، ھېيت – بايراملاردا، مۇبارەك كۈنلەر ۋە كېچىلەردە تۈرك داستىخانلىرىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. دۇنيادا تۈرك تاتلىق يېمەكلىكى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ «باقلاۋا» دەپ بىلىنسىمۇ، ئەمما، تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا سۈتلۈك ۋە مېۋىلىك تاتلىقلارمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ سۈتلۈك تاتلىقلار، ھەم ھەزىم قىلىنىشى قولاي، ھەم كالورىيەسى تۆۋەن، ھەمدە چىقىمى ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ناھايىتى كۆپ ئېتىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈتلۈك تاتلىقلارنى تەييارلاش، خېمىرلىق ۋە شەربەتلىك تاتلىقلارغا قارىغاندا ئېتىلىشى باقلاۋاغا ئوخشاشلا تېخىمۇ قولايدۇر. بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن  تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئېتىلىپ ۋە ئىستېمال قىلىنىپ كېلىۋاتقان تاتلىق يېمەكلىكلەردىن «كەشكۈل» نى ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«كەشكۈل» نى ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 1 لېتىر سۈت
  • 1 ئىستاكان شېكەر
  • 1 ئىستكان بادەم مېغىزى ئەزمىسى
  • 2 قوشۇق كىراخمال
  • 2 قوشۇق كوكوس ياڭىقى ئەزمىسى
  • بىر دانە تۇخۇمنىڭ سېرىقى
  • 1 بولاق سېرىنگۈل

«كەشكۈل» نى ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

  • ئالدى بىلەن قازانغا سۈت، شېكەر، تۇخۇمنىڭ سېرىقى، سرىنگۈل، كوكوس ياڭىقى ئەزمىسى ۋە بادەم ئەزمىسىنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوتنى يقىڭ.
  • ئاندىن، بىر تەرەپتىن قورۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، پىشۇرۇڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، كىراخمالنى ئاۋال سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلىتىڭ، ئارقىدىن قايناۋاتقان قازانغا قورىغاچ سېلىڭ ۋە تاكى قويۇقلاشقانغا قەدەر داۋاملىق قورۇپ پىشۇرۇڭ.
  • «كەشكۈل» پىشقاندىن كېيىن،  تەخسىلەرگە قويۇپ، سوغۇشىنى كۈتۈڭ، سوغۇغاندىن كېيىن، ئۈستگە خاسىڭ ئەزمىسىنى سېپىڭ.     


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر