كىرودىيەدىكى بىر بىنا تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلدى

كىرودىيە پايتەختى زاگرېبتىكى ئەڭ ئېگىز بىنالارنىڭ بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلدى.

2056711
كىرودىيەدىكى بىر بىنا تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كرودىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، زاگرېبتىكى ئەڭ ئېگىز بىنالارنىڭ بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگىدە يورۇتۇلدى.

بىنادا تۈركىيە بايرىقىنىڭ رەڭگى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سىمۋول قىلىپ لايىھەلەنگەن لوگومۇ ئەكس ئەتتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر