«لاۋسترال» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا يېتىپ كەلدى

كۆپىنچىسى ئامېرىكالىق 180 ساياھەتچى بىلەن 142 پاراخوت خادىمى ئولتۇرغان «لاۋسترال» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى.

2141143
«لاۋسترال» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە بايرىقى قادالغان، ئۇزۇنلۇقى 142 مېتىر كېلىدىغان، كۆپىنچىسى ئامېرىكالىق 180 ساياھەتچى بىلەن 142 پاراخوت خادىمى ئولتۇرغان «لاۋسترال» ناملىق ساياھەت پاراخوتى، ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ قۇشئاداسى ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، ئالانيا پورتىغا يېتىپ كەلدى.

ساياھەتچىلەر ئالانيا ناھىيەسى مەركىزى ۋە تارىخىي ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

«لاۋسترال» ناملىق ساياھەت پاراخوتى كەچتە ئالانيا پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئانتاليا پورتىغا يېتىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر