ئالتۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقا فىلىم ئورتاقلاشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – خاتىرە يىلىغا بېغىشلاپ تەييارلانغان مەخسۇس قىسقا فىلىمنى ئورتاقلاشتى.
2055999
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئۇچۇرىدا: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100 – يىلىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامانەتلىرىمىزنى قوغداپ، دۆلىتىمىزنى تۈركىيە ئەسىرى نىشانىغا يەتكۈزۈشنىڭ ئىپتىخارىنى ھېس قىلىۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.