تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت «ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى» ئۇنىۋېرسىتىتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

2040484
تۈركىيەدىكى 19 ئۇنىۋېرسىتېت ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئالىي مائارىپنى باھالاش ئورگىنى — QS (Quacquarelli Symond) بۇ يىل يولغا قويغان ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار رەتكە تىزىلغان «دۇنيا ئۇنىۋېرسىتېت رەت تەرتىپى: ياۋروپا 2024» ناملىق ھۆججەت رەسمىي ئېلان قىلىندى.

بۇ دائىرىدە، QS ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا 42 دۆلەتتىكى 688 ئۇنىۋېرسىتېتنى باھالاپ چىقتى؛ تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، «ياۋروپا مىقياسى» رەت تەرتىپىدە، تۈركىيەدىن ئوتتۇرا شەرق پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 124-، ئىستانبۇل پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 138-، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى 174-، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى 178- ۋە بوئازىچى ئۇنىۋېرسىتېتى 199- قاتاردىن ئورۇن ئالغان.

ئالدىنقى 500 ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتى 201-، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى 224-، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى 228-، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى 283-، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى 289-، يىلدىز پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 326-، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى 381-، ئىستانبۇل گەلىشىم ئۇنىۋېرسىتېتى 432-، ئابدۇللاھ گۈل ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گالاتاساراي ئۇنىۋېرسىتېتى 445-، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى 451-، چانكايا ئۇنىۋېرسىتېتى 455-، ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دوقۇز ئەيلۈل ئۇنىۋېرسىتېتى 488- قاتاردىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر