دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئادا قىلدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرنى تولدۇردى.

2004910
دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئادا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتىكى ئەرتۇغرۇل غازى جامەسى كىشىلەر بىلەن تولۇپ تاشتى. جامە ئىچىدە ئورۇن يېتىشمىگەن كىشىلەر جامە ھويلىسىدا سەپ تۈزدى. پىرېزىدېنت سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، خەلقنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

تۈركمەنىستاندا، 28-ئىيۇندىن 30-ئىيۇنغىچە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىندى.

ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا جامەلەرنى تولدۇرغان كىشىلەر، ھېيت نامىزى ئۈچۈن سەپ تۈزدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسادا ئونمىڭلارچە كىشى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئادا قىلدى.

قۇددۇس ئىسلامىي ۋەخپىلەر ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەسجىدى ئەقسادا بۇ قېتىم 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھېيت نامىزى ئوقۇغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسى فېيزا (Nancy Faeser) تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ياپونىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ قۇربان ھېيت نامىزىنى پايتەخت توكيودىكى توكيو جامەسىدە ئوقۇدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پايتەختى سارايېۋۇدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تارىخىي غازى ھۈسرەۋ بەگ جامەسىدە ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

سېربىيە پايتەختى بېلگېرادتىكى بايراقلى جامەسىدە، مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇدى. بوشناقلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سانجاق رايونىدىكى جامەلەرمۇ ھېيت نامىزى ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.

كىرودىيەدە ئىسمى پايتەخت زاگرېب بىلەن ئوخشاش بولغان زاگرېب جامەسىدە، كىشىلەر ھېيت نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر-بىرىنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.

شىمالىي ماكېدونىيە پايتەختى سكوپژېدا مۇستاپا پاشا جامەسىدە ھېيت نامىزى ئوقۇلدى. نامازدىن كېيىن تۈركچە، ئالبانچە ۋە بوشناقچە ئىلاھىي ناخشىلار ئوقۇلدى.

ئالبانىيە پايتەختى تىرانادا ئەنئەنە بويىچە ئىسكەندەر بەگ مەيدانىدا ئونمىڭلارچە كىشى سەپ تۈزۈپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

كوسوۋۇدا مۇسۇلمانلار جامەلەرنى لىق تولدۇردى. پايتەخت پرىشتىنەدىكى فاتىخ سۇلتان مەھمەت جامەسىدە كوسوۋۇ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى نائىم تىرناۋا ھېيت نامىزىغا ئىماملىق قىلدى.

گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلار سەھەردە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن جامەلەرگە قاراپ ماڭدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر