ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە.

1977840
ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە
erdogan cami.jpg
mescid-i aksa namaz.jpg
cami namaz1.jpg
cami namaz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزى ئۈچۈن جامەلەرگە سەلدەك ئاقتى.

سەھەر ۋاقتىدىلا جامەلەرنى تولدۇرغان مۇسۇلمانلار ھېيت نامىزىدىن كېيىن دۇئا قىلدى، ئاندىن ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.

ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى مۇقەددەس جايى بولغان مەسجىدى ئەقسادا بولسا تەخمىنەن 120 مىڭ مۇسۇلمان روزا ھېيت نامىزى ئوقۇدى.

روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن، تەكبىر ئېيتىلدى، ئاندىن ھېيتلىشىش باشلاندى.

روزا ھېيت نامىزىنى مەسجىدى ئەقسادا ئوقۇغان بىر تۈركۈم تۈركلەرمۇ جامائەتكە تۈرك لوقۇمى ۋە قۇرۇق يېمىشلەرنى تەقدىم قىلدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولسا روزا ھېيت نامىزىنى ئىستانبۇلدىكى «بۈيۈك ئاياسوفيا جامەسى» دە ئوقۇدى.

ئەردوغان روزا ھېيت نامىزىدىن كېيىن،  جامەدە جامائەتنىڭ روزا ھېيتىنى بىر-بىرلەپ تەبرىكلىدى، جامەدىن چىقىشىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەنسۇپلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارغا شاكىلات ۋە بۆرەك تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر