ناسا ياشاشقا مۇۋاپىق بىر سەييارەنى بايقىدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) يەرشارىدىن تەخمىنەن 100 مىليون يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بىر يۇلتۇزنى ئايلىنىدىغان ۋە ياشاشقا مۇۋاپىق يەرشارى چوڭلۇقىدىكى تاشقى پىلانېتانى بايقىدى.

1931418
ناسا ياشاشقا مۇۋاپىق بىر سەييارەنى بايقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكۈنچى سەييارە تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى (TESS) دېلفىن (دورادو) يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ «ياشاشقا مۇۋاپىق رايونى» غا جايلاشقان يەرشارى چوڭلۇقىدىكى تاشقى پىلانېتانى بايقىغان.

باياناتقا قارىغاندا، «TOI 700 e» ناملىق بۇ سەييارە، ئوربېتاسىدىكى يۇلتۇزغا، سۇنىڭ سەييارە يۈزىدە مەۋجۇت بولۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان مۇساپىدە ئىكەن.

ناسا تەتقىقاتچىسى ئېمىلي گىلبېرت: «بۇ بىز بىلىدىغان، كۆپ، كىچىك، ياشاشقا بولىدىغان رايون سەييارىلىرىغا ئىگە ئاز ساندىكى سىستېمىلارنىڭ بىرى» دېدى.

ئۇ بۇ بايقاشنىڭ «TOI 700 e» سىستېمىسىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن ھاياجانلىق ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى، بايقالغان سەييارەنىڭ ئالدىنقى قېتىم بايقالغان سەييارەدىن تەخمىنەن %10 كىچىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر