ئەتە ئاي تۇتۇلىدۇ
ئەتە (2022-يىلى 8-نويابىر) بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاي تۇتۇلۇشى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
1902936
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ئۇنىۋېرستېتى كرەئىكەن رەسەتخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئەتە ئاي تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەتىدىكى ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى ئاسىيا، ئاۋستىرالىيە، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ھەمدە شەرقىي ياۋروپانىڭ بەزى رايونلىرىدا كۆرگىلى بولىدىكەن. تۈركىيەدە ئاي تۇتۇلۇش ئەنقەرە ۋاقتى 11.02 دە ئاينىڭ يەر شارىنىڭ يېرىم كۆلەڭگىسىگە كىرىشى بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، 13.59 دا تولۇق تۇتۇلۇپ، مىس رەڭگىدە كۆرۈنىدىكەن ۋە 14.41 دە ئاخىرلىشىدىكەن. ئاي 15.52 دە يەر شارىنىڭ يېرىم كۆلەڭگىسىدىن چىقىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى
نىگېرىيەلىك سۈنئىي چاچ ئۇستىسى ئۆزى ياسىغان «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ» جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى.