ھاۋانادا تۈركىيە – كۇبا فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تۈركىيە – كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 – يىللىقى» تېمىلىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
1900960
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ھاۋانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋەھبى ئەسگەل ئەتەنسەل، تارىخىي ئىنقىلاب مەيدانىغا جايلاشقان ھاۋانا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ لايىھەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، كۇبا دائىرىلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلغان ئېلىنا كاسېرا مېسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيە ئەلچىخانىسى بىلەن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەلىك ياش سۈنئىي چاچ ياساشتا جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى
نىگېرىيەلىك سۈنئىي چاچ ئۇستىسى ئۆزى ياسىغان «ئەڭ كەڭ سۈنئىي چاچ» جىنېس دۇنيا رېكورتىغا كىردى.