ئىككى سەييارە يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتىدۇ

ئېگىز قەۋەتلىك بىنا چوڭلۇقىدىكى ئىككى سەييارە يەر شارىغا يېقىن يەردىن ئۆتىدۇ.

1861208
ئىككى سەييارە يەر شارىغا يېقىن جايدىن ئۆتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر شارىغا يېقىنلىشىۋاتقان سەييارەنىڭ بىرى بۈگۈن (2022-يىلى 29-ئىيۇل)، يەنە بىرى 30-ئىيۇل شەنبە كۈنى يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ.

«2016 CZ31» دەپ نام بېرىلگەن بىرىنچى سەييارە سائىتىگە 55 مىڭ 618 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن يەر شارىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ.

ئاسترونوملار سەييارەنىڭ ئەڭ كەڭ نۇقتىسىنىڭ تەخمىنەن 122 مېتىر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

بىرىنچى سەييارە يەر شارىغا تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ كىلومېتىر، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەر شارى بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنىڭ يەتتە ھەسسىسىدىن كىچىك بولغان ئارىلىقتىن بىخەتەر ھالدا ئۇچۇپ ئۆتىدۇ.

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسانىڭ(NASA) مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئالەم جىسمى بىر قانچە يىلدىن بېرى يەر شارىغا يېقىنلىشىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى قېتىم 2028-يىلى يانۋاردا يېقىنلىشىدىكەن.

شەنبە كۈنى (2022-يىلى 30-ئىيۇل) ھەر چاغدىكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولغان ئىككىنچى سەييارە، يەر شارىنىڭ ئوقىغا نىسبەتەن يىراق بولغان نۇقتىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ.

 «2013 CU83» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر سەييارەنىڭ ئەڭ كەڭ بولغان جايى 183 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يەر شارىدىن تەخمىنەن 6 مىليون 960 مىڭ كىلومېتىر، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەر شارى بىلەن ئاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىدىن تەخمىنەن 18 ھەسسگىچە بولغان يىراقلىقتىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ. بۇ غايەت زور سەييارە سائىتىگە 21 مىڭ 168 كىلومېتىر تىزلىكتە ئۇچىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر