بىر مىليون مۇسۇلمان ھاجى بولدى

ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس جايدا بولۇۋاتقان تەخمىنەن بىر مىليون مۇسۇلمان ھاجى بولدى.

1854156
بىر مىليون مۇسۇلمان ھاجى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەفاتتا تۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوبۇسلار بىلەن مزدەلىفەگە ئۆتكەن ھاجى نامزاتلىرى، يېرىم كېچىدىن ئېتىبارەن گۇرۇپپىلار ھالىتىدە تەخمىنەن 3 يېرىم كىلومېتىرلىق يولىنى پىيادە بېسىپ، جەمەراتتىكى شەيتانغا تاش ئېتىش ساھەسىدە، «چوڭ شەيتان» دەپ ئاتىلىدىغان «ئەقەبە جەمرەسى» گە 7 تاش ئاتتى.

كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار، شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يۈرۈش ئارقىلىق يېتىپ بارغان كەبەدە، تاۋاپ ئىبادىتىنى تاماملاپ، ئېھرامدىن چىقتى.

شۇنداق قىلىپ، ھەج ئىبادىتىنى تاماملىغان مۇسۇلمانلار، ھاجى بولدى.

ھاجىلارنىڭ بىر قىسمى بامدات ۋە ھېيت نامازلىرىنى كەبەدە ئوقۇدى.

2020 – ۋە 2021 – يىللىرى چەت ئەلدىن ھاجى نامزاتى قوبۇل قىلمىغان سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى شەرتلىرىنىڭ يېنىكلىشىدىن كېيىن، بۇ يىل 65 ياشتىن تۆۋەن بىر مىليون ھاجى نامزاتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بۇ دائىرىدە، تۈركىيەگە 37 مىڭ 770 سان بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر