ناسا مارستا بايقالغان نامەلۇم جىسىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) مارستا ئىككى قىيالىق تاش ئارىسىدا كۆرۈنگەن پارقىراق، كۈمۈش رەڭلىك جىسىمنىڭ قايناق سۇ ئەدىيالى بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1844922
ناسا مارستا بايقالغان نامەلۇم جىسىم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا خادىملىرى مارستا ئىلگىرى تارتىلغان سۈرەتلەردە، ئىككى قىيالىق تاش ئارىسىدا نامەلۇم جىسىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ناسانىڭ تۋىتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، سۈرەتلەرنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىنغانلىقى ۋە جىسىمنىڭ 2021-يىلى «چارلاش» ئاپپاراتىدىن چۈشۈپ كەتكەن قايناق سۇ ئەدىيالىنىڭ پارچىسى بولۇش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر جىسىم، ئادەم ئاياق باسمىغان پىلانېتالارنىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ھەققىدە ئەندىشەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر