سپېيس ئېكسنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتتى

ئامېرىكا ئالەم كېمىسى ۋە راكېتا ئىشلەپچقارغۇچىسى «3-سپېيس ئېكس كرۇ» (SpaceX Crew-3) نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالتە ئاي تۇرغان خەلقئارالىق ئالەم پونكىتىدىن يەر شارىغا قايتتى.

1822985
سپېيس ئېكسنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىغا قايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  «Space.com» تور بېتىدە «3-سپېيس ئېكس كرۇ» ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەر شارىغا قايتقانلىقى ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسانىڭ ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى، ياۋروپا ئالەم ئاگېنتلىقىنىڭ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ جەمئىي تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مېكسىكا قولتۇقىغا چۈشتى.

ئالەمگە 11-نويابىر (2021) ئەۋەتىلگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «سەۋرچان» ناملىق ئەژدېرھا كاپسۇلىدا يەر شارىغا قايتىپ كەلدى.

مەزكۇر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا يۈزلەرچە تەجرىبە ئىشلەپ، ئالەمدە پىيادە ماڭدى. قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى قىلدى.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ 4-ماي (2022) پىلانلانغان يەر شارىغا قايتىشى، ھاۋا رايىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر