دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال ئالەمدىن ئۆتتى

دۇنيادا يېشى ئەڭ چوڭ دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ياپونىيەلىك ئايال تاناكا كانې 119 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1817730
دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، جىنىس دۇنيا رېكورتى قامۇسى تەرىپىدىن 2019-يىلى مارتتا «دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال» ئۇنۋانى بېرىلگەن تاناكا كانې ئالەمدىن ئۆتكەن.

يانۋار (2022) ئېيىدا 119 ياشقا كىرگەن تاناكانىڭ تېپىشماق تاپىدىغانلىقى، شاكىلات ۋە كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

توققۇز پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ يەتتىنچىسى ۋە 1903-يىلى 2-يانۋار دۇنياغا كەلگەن، 19 يېشىدا ئۆيلەنگەن تاناكانىڭ يولدىشى بىلەن ئوغلى، 1937-يىلى پارتلىغان ياپونىيە-خىتاي ئۇرۇشىدا ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن ئىدى.

«زامانىۋى ياپونىيە» دەپ ئاتالغان 1867-يىلدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ تۆت ئىمپېراتورى «مېيجى، تايشو، شوۋام خېيسېي» دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن تاناكا، ھازىرقى ئىمپېراتور نارۇخېتونىڭ «رېيۋا» دەۋرىگىچە ياشىدى.

تاناكادىن ئىلگىرى دۇنيادىكى يېشى ئەڭ چوڭ ئايال بولغان ياپونىيەلىك چىيو مىياكو 2018-يىلى ئىيۇلدا 117 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.

دۇنيا جىنىس دۇنيا رېكورتىغا ئاساسلانغاندا، 1997-يىلى 122 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن فىرانسىيەلىك ئايال لويىس كالمېنت تىزىمغا ئېلىنغان دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر