سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەزان ئوقۇش مۇسابىقسىدە تۈركىيە بىرىنچى ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئوقۇش ۋە  ئەزان ئوقۇش مۇسابىقىسىنىڭ ئەزان ئوقۇش تۈرىدە تۈركىيەدىن مۇھسىن قارا بىرىنچى، ئالپجان چەلىك ئىككىنچى بولدى.

1815624
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەزان ئوقۇش مۇسابىقسىدە تۈركىيە بىرىنچى ۋە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ SPA› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەمئىي 12 مىليون رىيال (3 مىليون 200 مىڭ دوللار) لىق مۇكاپاتلىق «ئىترۇل كەلام» ناملىق قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئوقۇش ۋە  ئەزان ئوقۇش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇسابىقىنىڭ قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئوقۇش تۈرىدە، ماراكەشلىك يۇنۇس مۇستافا غەربى بىرىنچىلىككە، ئەنگىلىيەلىك مۇھەممەد ئەييۇب ئاسىف ئىككىنچىلىككە، بەھرەيىنلىك مۇھەممەد مۇجاھىد ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

مۇسابىقىنىڭ ئەزاننى گۈزەل ئوقۇش تۈرىدە، تۈركىيەدىن  شارقىشلا رەۋزە جامەسىنىڭ ئىمامى - خاتىپى مۇھسىن قارا بىرىنچىلىككە، يەنە تۈركىيەدىن ئەمىرگان ھامىدى ئەۋۋەل جامەسىنىڭ ئىمامى – خاتىپى ئالپجان چەلىك ئىككىنچىلىككە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئابدۇرراھمان بىن ئادىل ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر