كاپادوكيادىكى مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى% 54 ئاشتى

كاپادوكيادىكى مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 305 مىڭ 275 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 54 ئاشتى.

1807423
كاپادوكيادىكى مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى% 54 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان نەۋشەھىردىكى ساياھەت مەركىزى كاپادوكيا،  «كوۋىد – 19» يۇقۇمى مەزگىلىدىكى تىنچ باسقۇچنى ئارقىدا قالدۇرۇشقا باشلىدى.

بۇ يىل يانۋار، فېۋرال ۋە مارت ئايلىرىدا بۇ رايوندىكى مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى.

ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن توپلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى بىرىنچى پەسىلدە مۇزېي ۋە خارابىلىكلەرنىڭ زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 197 مىڭ 541 بولۇپ، بۇ يىل 305 مىڭ 275 كە يېتىپ، تەخمىنەن% 54 ئاشقان.

بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، گورەمە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 94 مىڭ 642 كە، زەلۋە خارابىلىكلىرىنى  زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 93 مىڭ 793 كە، قايماقلى يەر ئاستى شەھىرىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى 51 مىڭ 144 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر