ئەزەربەيجاندا «كېسىشىش» ناملىق فىلىم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەدە بىرلا ۋاقىتتا قويۇلۇشقا باشلىغان «كېسىشىش: ئەرەن، مەۋجۇتلۇقۇڭ نېمىدېگەن گۈزەل» ناملىق فىلىم كىنو مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

1759333
ئەزەربەيجاندا «كېسىشىش» ناملىق فىلىم قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى كۆپلىگەن كىنوخانىلاردا قويۇلۇۋاتقان «كېسىشىش: ئەرەن، مەۋجۇتلۇقۇڭ نېمىدېگەن گۈزەل» ناملىق فىلىمنى، تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجى، باش ئەلچىخانا مەسلىھەتچىسى ۋە خىزمەتچى – خادىملىرىمۇ كۆردى.

باش ئەلچى باغجى، فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فىلىمنىڭ تۈركىيەنىڭ 30 يىللىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ھېسسىياتلىق فىلىم ئىكەنلىكىنى، فىلىمدە، ھەر بىرى شېھىت بولغان فەرھات گەدىك، ئەرەن بۈلبۈل ۋە فەتھى سەكىن قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئەرەن بىر سىمۋول ئىدى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قوللىغان قەھرىمان ئىدى، ئەسكەر بولماي تۇرۇپ ئەسكەردەك ئويلىيالايدىغان بىر ئانادولۇ باتۇرى ئىدى. ئۇ ئىنتايىن ھېسسىياتچان ئىدى، بىز ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدۇق. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن. بۇ فىلىمنىڭ قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندىمۇ قويۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

«كېسىشىش: ئەرەن، مەۋجۇتلۇقۇڭ نېمىدېگەن گۈزەل» ناملىق فىلىمدە، ترابزون ۋىلايتىنىڭ ماچكا ناھىيەسىدە، 2017 – يىلى 11 – ئاۋغۇست كۈنى، تېررورچىلار بىلەن قەھرىمان تۈركىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا شېھىت بولغان ئەرەن بۈلبۈل ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەر فەرھات گەدىكنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر