جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ 2021- يىللىق مەدەنىيەت – سەنئەت كاتتا مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

1750630
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ 2021-يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇكاپاتلارنى بەردى ۋە مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «(پەن – مەدەنىيەت ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن) پىروفېسسور دوكتور تەئومان دۇرالى ئۇستازىمىزنى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇستازىمىز يەرلىك ۋە مىللىي پوزىتسىيەسى بىلەن ئىلىم – ئېرپان ئىگىسى، يېقىنقى دەۋر يېتىشتۈرگەن ئەڭ مۇھىم زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى» دېدى.

ئەردوغان مۇزىكا ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پىئانىنو سەنئەتچىسى ئىدىل بىرەتنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كونسېرتلىرى ئارقىلىق مۇزىكا ساھەسىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھەيكەلتىراش، ساپال ۋە ئەينەك بۇيۇم لايىھىلىگۈچىسى ئالەۋ ئەبۇززىيانىڭ كۆرۈنۈشلۈك سەنئەتلەر مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، كىنوچىلىق ساھەسىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن جۇنەيت ئاركىننىڭ تۈرك كىنوچىلىقىنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىگە زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆسنخەت ساھەسىدە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن خەتتات، ژۇرنالىست ۋە رەسسام ئەتھەم چالىشقاننىمۇ تەبرىكلىگەن ئەردوغان، ئەدەبىيات ساھەسىدە ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى گۇربۇز ئازاكنىڭ، كونا كىتابچىلىق ساھەسىدە ئىبراھىم ماناۋنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان  مۇراسىمدىكى سۆزى جەريانىدا يەنە: «بىز ساداقەت مۇكاپاتىمىزنى پىكىر دۇنياسىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان كەمال تاھىرغا بېرىمىز. ئۇ نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىزغا ئىلھام بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر