ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتى يۇنېسكو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتىنى كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1747876
ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتى يۇنېسكو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا نىڭ خەۋىرىدە، رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ باشچىلىقىدا «ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتى، بىلىم، ماھارەت ۋە ئەمەلىيەت» تۈرلىرىنىڭ تىزىمغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلىتماسنىڭ، ئەرەب ئىتتىپاقى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە بىلىم تەشكىلاتى نازارەتچىلىكىدە ۋە 16 ئەرەب دۆلىتىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت مىنىستىرى بەدىر بىن ئابدۇللاھ بىن فەرخان ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتىنى يۇنېسكو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىنىڭ، مىنىستىرلىقنىڭ بۇ سەنئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكلىشى بىلەن كوردىناتسىيە ھالىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئەرەب يېزىقىنىڭ، ئەرەب قەھۋەسى، زەمزەم قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن كېيىن، ئەرەب جۇغراپىيەسىدىن يۇنېسكو كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراس تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن توققۇزىنچى تۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇممان ئو ن ئا ئاگېنتلىقى مەزكۇر قارارنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلىۋاتقان ۋە 18-دېكابىر (2021) غىچە داۋاملىشىۋاتقان كونكرېت بولمىغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت يىغىنىدا چىقرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ئىتتىپاقى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە بىلىم تەشكىلاتى ئەرەب ھۆسىنخەت سەنئىتىنى يۇنېسكو تىزىملكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەييارلانغان ئورتاق ئەرەب ھۆججەتلىرىنى 2020-يىلى 30-مارت يۇنېسكونىڭ باش كاتىباتلىقىغا تاپشۇرغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشقا ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، تۇنىس، ئالجىرىيە، ئىراق، سۇدان، ئۇممان، پەلەستىن، لىۋان، كۈۋەيت، مىسىر، ماراكەش، ماۋرىتانىيە ۋە يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلتىماس قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر