ئامېرىكادا 581 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلدى

ئامېرىكادا «Beaver Moon» دەپ ئاتىلىدىغان نويابىر تولۇنئاي ۋە 581 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلۇش ھادىسسى كۆرۈلدى.

1736162
ئامېرىكادا 581 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا «Beaver Moon» دەپ ئاتىلىدىغان نويابىر تولۇنئاي ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 01:02 دە باشلاندى. يېقىنقى 581 يىلنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئاي تۇتۇلۇشى جەريانىدا، ئاينىڭ %97 ى يەر شارىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالدى ۋە بۇ ئۈچ سائەت 28 مىنۇت 23 سېكۇنت داۋاملاشتى.

2021-يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاي تۇتۇلۇش، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىدا كۆرۈلدى.

ئاي ئۆز ئوربىتاسىدا ئايلانغاندا، يەر شارىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىغا كىرىشى بىلەن ئاي تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ.

نويابىر تولۇنئايدا كۆرۈلىدىغان قىزىل رەڭ سەۋەبىدىن «قانلىق ئاي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر