ت ر ت ۋورلد دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

ت ر ت ۋورلد (TRT World) نىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات مۇكاپاتى بولغان «Lovie Awards» دىن ئۈچ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1735139
ت ر ت ۋورلد دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى
trt world.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا دىجىتال سەنئەتلىرى ۋە بىلىملىرى ئاكادېمىيەسى (IADAS) نىڭ 11-نۆۋەتلىك «Lovie Awards» مۇكاپاتلىرىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا، ياۋروپادىكى 30 دۆلەتتىن مىڭغا يىقىن كىشى قاتناشتى.

ت ر ت ۋورلدنىڭ «سۆزلەيدىغان بىر ھېكايەم بار» ناملىق دىجىتال ۋىدېئو قىسىملىق تىياتىرى، «خىلمۇ خىللىق، باراۋەرلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك» تۈرىدە «ئالتۇن لوۋى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

ئابدۇللاھ ئىلىك تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان ۋىدېئو قىسىملىق تىياتىرى تەخمىنەن 55 مىڭ كىشىلىك ئاۋاز تاشلاشتا ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ، «People's Lovie Award» مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى.

ئەھمەتخان ئىشلىگەن ر ت ۋورلدنىڭ يەنە بىر مۇكاپات نامزاتى «ئاشىق جىھادى» ناملىق ۋىدېئومۇ «ئالتۇن لوۋى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، سىياسەت كاتېگورىيەسىدە ئەڭ ئاخىرقى باھالاشقا قالدى.

خەلقئارا دىجىتال سەنئەتلىرى ۋە بىلىملىرى ئاكادېمىيەسى مۇدىرىيىتىنىڭ باشلىقى ۋە POKE لوندوننىڭ ئىجادىي ھەمكارلاشقۇچىسى نىكولاس رۇپ (Nicolas Roope): «ت ر ت ۋورلد ئۆز تۈرىدە مۇنەۋۋەر بولۇپ، رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادچانلىققا ماھىرلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئىجادكارلىرىنىڭ ماھارىتى، ئىجادچانلىقى ۋە تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىسپاتى» دېدى.

ت ر ت ۋورلد دىجىتال مۇدىرى ئەھمەتخان ئەل ئامرائويى مۇنداق دېدى:

«ئالتۇن لوۋى ۋە پىپولس لوۋى ئىۋوردس مۇكاپاتلىرى، ت ر ت ۋورلدنىڭ بىر قانچە يىل بۇرۇن باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرى بىلەن، ئىنسانىي قىممەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاخباراتچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مۇخبىرلار، ئاخباراتچىلار، گرافىكچىلار ۋە لايىھەلىگۈچىلەردىن تەركىپ تاپقان قوشۇنىمىز، يەرلىك ھېكايىلەرنى دۇنيادىكى تاماشىبىنلارغا يەتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيىتىنى ئىسپاتلىدى. خادىملىرىمىزدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئالتۇن لوۋى مۇكاپاتى تېخنولوگىيەدە يېڭىلىق يارىتىدىغانلاردىن تەشكىللەنگەن «خەلقئارالىق تەشكىلات بولغان  خەلقئارا دىجىتال سەنئەتلىرى ۋە بىلىملىرى ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر