ناسا ئايغا ئادەم ئەۋەتىش پىلانىنى كېچىكتۈردى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا (NASA) 2025-يىلىغىچە ئايغا ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1731945
ناسا ئايغا ئادەم ئەۋەتىش پىلانىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناسا باشلىقى بىل نېلسون (Bill Nelson) ناسانىڭ ئايغا ئادەم ئەۋەتىش نىشانىنى كېچىكتۈرگەنلىكلىرىنى ۋە بۇنىڭ 2025-يىلدىن بۇرۇن ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئايغا ئادەم ئەۋەتىش پىلانىنى تىلغا ئېلىپ: «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 2024-يىلدا ئايغا ئادەم ئەۋەتىش نىشانى تېخنىكىلىق مۇمكىنچىلىككە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئارتېمىس پىروگراممىسى دەپ بىلىنىدىغان ئايغا ئادەم ئەۋەتىش نىشانىنىڭ 1-ۋەزىپىسىنىڭ 2022-يىلى ئەتىيازغىچە، ئارتېمىس 2-ۋەزىپىسىنىڭ 2024-يىلغىچە، ئارتېمىس 3-ۋەزىپىسىنىڭ 2025-يىلغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ناسا يەنە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا ئەۋەتىشنىڭ كېچىكىشىدە، بۇ يىل (2021) نىڭ بېشىدا «كۆك مەنبە» (Blue Origin) ئالەم كېمىسى شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋانىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ناسا 2024-يىلغىچە ئايغا ئادەم ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ئىدى. ئارمسچوڭ (Armstrong) 1969-يىلى ئاپوللو ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئايغا قەدەم باسقان ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر