ئالمۇتادا تۈركىيە فىلىملىرى فېستىۋالى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلدى

قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئالمۇتادا 6-قېتىملىق تۈركىيە فىلىملىرى فېستىۋالى ھەپتىسى كىنو-فىلىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

1726240
ئالمۇتادا تۈركىيە فىلىملىرى فېستىۋالى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئالمۇتادىكى كونسولخانىسىنىڭ قوللىشى بىلەن <<يەرلىك چۈشەنچە جەمئىيىتى>> تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسىنىڭ ئېچىلىشى، ئالمۇتادىكى ئارمان كىنو زالىدا <<7-كامىردىكى مۆجىزە>> فىلىمىنىڭ قويۇلۇشى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەت ۋەسىلىسى بىلەن، تۈركىيەلىك ئارتىسلار ھەۋەسكارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسىدە، داڭلىق رېژىسسورلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى قويۇلىدۇ. فىلىم كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سەنئەتچىلەر بىلەن تاماشىبىنلار ئۆزئارا كۆرۈشىدۇ.

قېرىنداش دۆلەتلەر ئارىسىدا كىنو-فىلىمنىڭ كۈچىگە تايانغان بىر كۆۋرۈك بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان تۈركىيە فىلىملىرى ھەپتىسى، 31-ئۆكتەبىر (2021) گىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر