بېلگراد فىلولوگىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تۈرك تىلى ئۆگىتىلىدۇ

سېربىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان بېلگراد فىلولوگىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تۈرك تىلى ئۆگىتىلىدۇ.

1720483
بېلگراد فىلولوگىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە تۈرك تىلى ئۆگىتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بېلگراد بىلەن سېربىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان بېلگراد فىلولوگىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوتتۇرىسىدا تۈركچىنى مائارىپ پروگراممىسىغا تاللاش دەرسلىكى سۈپىتىدە كىرگۈزۈش توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈرك تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ھەر خىل سەنئەت كاتېگورىيەلىرىدە يىغىن، سۆھبەت يىغىنى، تەرجىمە سېخلىرى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىنىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى بېلگراد دېرىكتورى ئايشەنۇر كاندەمىر، سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تونۇتۇلۇشى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى – بىرى بىلەن تونۇشۇشىدا تىل كۇرسلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر