ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى 60 ياشتىن يۇقىرى بىمارلارغا ئاسپىرىن بەرمەسلىكنى تەكىتلىدى

ئامېرىكادىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر دوختۇرلارنى يۈرەك كېسىلى ياكى پالەچ خەۋىپى بار 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىمارلارغا تۆۋەن مىقداردا ئاسپىرىن بەرمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى.

1719005
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى 60 ياشتىن يۇقىرى بىمارلارغا ئاسپىرىن بەرمەسلىكنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكادىكى بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر دوختۇرلارنى يۈرەك كېسىلى ياكى پالەچ خەۋىپى بار 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىمارلارغا تۆۋەن مىقداردا ئاسپىرىن بەرمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى.

مۇستەقىل پىدائىي مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا ئالدىنى ئېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى، بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى ياكى پالەچ بولۇپ باقمىغان ياشانغان بىمارلار ئاسپىرىن ئىشلەتكەندە پەيدا بولىدىغان ئەكس تەسىرلەرنىڭ پايدىسىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىننىڭمۇ 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بىمارلاردا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان قاناشلارنى ۋە يارالارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر گۇرۇپپا يەنە، چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىن ئىشلىتىشى ھەققىدە 2016-يىلى بەرگەن تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، 40 ياشلاردىكى قاناش خەۋىپى بولمىغان كىشىلەرگە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئاسپىرىن ئىشلىتىشنىڭ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى، 50 ياشلاردىكى كىشىلەرگە بولسا، پايدىسىدىن زىيىنىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا تۆۋەن مىقداردىكى ئاسپىرىننى داۋاملىق ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىندى.

ئاغرىق پەسەيتكۈچى دەپ قارىلىدىغان ئاسپىرىننىڭ قاننى سۇيۇقلاندۇرۇش رولى سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە خەۋىپى بارلارنىڭ قان ئۇيۇشۇشىنى ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، 81 مىللىگىرامدىن 100 مىللىگىرامغىچە تۆۋەن مىقداردا ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىناتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر