گىرۇزىيەدە تىكا ئەمەلگە ئاشۇرغان لايىھەلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) گىرۇزىيەدە سەھىيە ۋە مەدەنىيەت لايىھەلىرىنى قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.

1672611
گىرۇزىيەدە تىكا ئەمەلگە ئاشۇرغان لايىھەلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىستا تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىككى لايىھەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بىرىنچى لايىھە بولغان تىبلىس مىللىي فىزىكىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ كۆپ يۆلىنىشلىك داۋالاش بۆلۈمى ئېچىلدى. تىكا تەرىپىدىن يېڭىلانغان ۋە ئەسلىھەلەر ياردەم قىلىنغان لايىھەنىڭ ئېچىلىشىغا، تىكا باشلىقى سەركان كايالار، تۈركىيەنىڭ تىبلىستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جەرەن يازگان ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى لەلا چىكوۋانى ئىشتىراك قىلدى.

ئىككىنچى لايىھە بولغان ئاشىق كاماندار ئەفەندىيېۋ مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

تىكا باشلىقى سەركان كايالار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، تىبلىس ئەتراپىغا جايلاشقان كەپەنەكچى يېزىسىغا بېرىپ، تىكا تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىپ يېڭىلانغان مۇزېي ئۆيىنى لىنتا كىسىپ ئاچتى.

مۇراسىمغا، ئەزەربەيجان مەدەنىيەت مىنىستىرى ئانار كەرىموۋ، گىرۇزىيە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ياشلىق بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى كاخا سىخارۇلىددزە قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى.

گىرۇزىيە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ياشلىق بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى كاخا سىخارۇلىددزە تىكانىڭ گىرۇزىيەدە مەدەنىيەت ساھەسىدە قىلىۋاتقان ياردەم لايىھەلىرى بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي باغلىنىشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر