بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى قەتلىئامدا ئۆلتۈرۈلگەن بەش قۇربان يەرلىككە قويۇلدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا 1992-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن بەش قۇربان بۈگۈن (2021-يىلى 1-ئىيۇن) يەرلىككە قويۇلدى.

1649795
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى قەتلىئامدا ئۆلتۈرۈلگەن بەش قۇربان يەرلىككە قويۇلدى
bosna hersek cenaze1.jpg
bosna hersek cenaze.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زۋورنىك شەھىرىدە بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇن سېرب قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن باھرىجا داۋتوۋىج، ئىدرىز داۋتوۋىج، ئاۋدىجا مۇراتوۋىج، دەرۋىسا راخمانوۋىج ۋە مەجرۇسا ساھبېگوۋىج قاتارلىق بەش قۇربان گورنجا كالەسىجا شېھىتزارلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى. بۇ يەردىكى مۇراسىمغا قۇربانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى قاتناشتى.

زۋورنىك ئەسىر ۋە يوقاپ كەتكەنلەر ئائىلىلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت گراھىج بۈگۈنگىچە 787 كىشىنىڭ يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆلتۈرۈلگەن يۈزلىگەن كىشىنىڭ سۆڭەك قالدۇقلىرىنى تاپالمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

«قارا كىيىملىك ئاياللار» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى ستاسا زاجېۋىج سېربيەدىن كەلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

« زۋورنىكتا يزۈ بەرگەنلەرگە مۇانسىۋەتلىك دۆلىتىمدە سۇنۇلغان ئەرز، ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق شەكىلدە مەسىخىرەلىك ھالدا خۇلاسىلەندى.»

دادىسى ئىدرىز داۋتوۋىجنى يەرلىككە قويغان سامىرا داۋتوۋىج كابارىج ئوغلىغا چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۆڭەكلىرى ئۆتكەن يىلى (2020) تېپىلغان ئىدى، ئەمما ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يەرلىككە قويالمىغان ئىدۇق» دېدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ئۇرۇشتا، زۋورنىك شەھىرىدە 2 مىڭدىن ئارتۇق بوشناق ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر