19-ماي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى

بۈگۈن (2021-يىلى 19-ماي) ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشلاش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەمنىڭ 120-يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.

1641827
19-ماي ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 -ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى، بۇ يىل مەخسۇس ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردىن باشقا، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىمۇ تەبرىكلىنىدۇ.

19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمىغا ئاتالغان تۇنجى مۇراسىم، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم كاساپئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت، ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ۋە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى زىيا سەلچۇك ئىنتېرنېتتا 81 ۋىلايەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.

سائەت 19 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، بارلىق شەھەرلەردە، ئۆيلەرنىڭ بالكون ۋە دېرىزە ھەمدە تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلىدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرگە بويسۇنغان ھالدا يۈگرەش، ئاپتوموبىل ئەترەتلىرى، كونسېرتلار، ئاۋاز ۋە نۇر نومۇرلىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر