تۈركىيەدىن 2 مۇزېي «ياۋروپا يىلنىڭ مۇزېيى ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تۈركىيەدىن  ترويا مۇزېيى بىلەن ئودۇنپازارى زامانىۋى مۇزېيى «ياۋروپا يىلنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.

1635780
تۈركىيەدىن 2 مۇزېي «ياۋروپا يىلنىڭ مۇزېيى ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ياۋروپا مۇزېي مۇنبىرى تەرىپىدىن ھەر يىلى بېرىلىدىغان  ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ۋە ئەڭ داڭلىق مۇزېي مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان «ياۋروپا يىلنىڭ مۇزېي مۇكاپاتلىرى»  نى تارقىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلەلمىگەن مۇسابىقىدە، 2020 – ۋە 2021 – يىللىرى ئۈچۈن مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن مۇزېيلار  YouTube تا تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان.

چاناققەلئەدىكى ترويا مۇزېيى 2020 – يىلى ئۈچۈن، ئەسكىشەھىردىكى ئودۇنپازارى زامانىۋى مۇزېيى بولسا، 2021 – يىلى ئۈچۈن «ياۋروپا يىلنىڭ مۇزېيى ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

بايبۇرت كەنان ياۋۇز ئېتنوگرافىيە مۇزېيىمۇ، مۇسابىقىدە «2021 – يىللىق سىللېتتو مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر