ئەردوغان تۈركىيەدىكى دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدىكى ئاز سانلىق دىنىي جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئىپتاردا كۆرۈشتى.

1634922
ئەردوغان تۈركىيەدىكى دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى چانقايا سارىيىدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە تۈركىيەدىكى ئاز سانلىق دىنىي جامائەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباشمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىپتار زىياپىتىگە فەنەر رىم پاترىگى بارتولوموس، بالىقلى رىم دوختۇرخانىسى فوندى رەئىسى كونستانتىن يۈۋانىدىس، سۇريانى باش روھانىسى يۇسۇف چەتىن، سۇريانى قەدىم فوندى جەمئىيىتى رەئىسى سائىت سۇسىن، تۈركىيە يەھۇدىيلىرى باش راھىبى ئىسھاق ھالەۋا، تۈركىيە يەھۇدىي جامائىتى رەئىسى ئىسھاق ئىبراھىمزادە، تۈركىيە باش راھىبلىقى فوندى جەمئىيىتى باشلىقى ۋە تۈرك يەھۇدىي توپلۇقى تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى ئەرول كوھەن، تۈركىيە ئەرمەنلىرى پاترىگى ساھاق ماشاليان، سۇرپ پىرگىچ ئەرمەنى دوختۇرخانىسى فوندى جەمئىيىتى رەئىسى بەدروس شىرىنئوغلۇ، تۈركىيە سۇريانى كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى ئورخان ئابدۇلئەھەد چانلى ۋە سۇريانى كاتولىك فوندى جەمئىيىتى رەئىسى زەكى باساتئەمىر قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر