كېچىدە 7-6 سائەت ياخشى ئۇخلاش يۈرىكىڭىزگە پايدىلىق

7-6 سائەتلىك ياخشى كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ، يۈرەكنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1635315
كېچىدە 7-6 سائەت ياخشى ئۇخلاش يۈرىكىڭىزگە پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنۇلغان بىر تەتقىقات ماقالىسىدە، كېچىلىرى 7-6 سائەت ئۇخلىغان كىشىلەرنىڭ، ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئۇخلىغان كىشىلەرگە قارىغاندا يۈرەك ۋە پالەچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكادا 2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 14 مىڭ 79 نەپەر ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلغان تەتقىقاتچىلار، ئۇلارنى كېچىلىك ئۇيقۇ ۋاقتىغا ئاساسەن ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىپ، تومۇر قېتىشىشقا مۇناسىۋەتلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، ئۇيقۇ ۋاقتى بىلەن يۈرەك سالامەتلىكى ئوتتۇرىسىدا مۇھىم باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ مەسئۇلى دوكتور كارتىك گۇپتا (Kartik Gupta) تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئالتە سائەتتىن ئاز ياكى يەتتە سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىغان قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللىرىدىن ئۆلۈم ئامىلىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ پەقەت ئۇيقۇ مىقدارىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولۇش-بولماسلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىنىڭمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر