تۈركىيەدىن يەنە ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدە

تۈركىيەدىن يەنە ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1631578
تۈركىيەدىن يەنە ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدە
mardin.jpeg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ كەمىلىيە تارىخىي شەھىرى بىلەن ماردىن ۋىلايىتىنىڭ ماديات ئەتراپى (تۇر ئابىدىن) گەچ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرلىرىدىكى چېركاۋ – ماناستىرلىرىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ۋاقىتلىق تىزىملىكىدىكى 2020 – يىلى 83 بولغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ سانى 85 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر