ئوكتاي رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
1620214
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ياردەملىشىش ۋە ئورتاقلىشىش ئېيى بولغان رامىزاننىڭ خەلقىمىز ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. رەببىم، تۇتقان روزىلىرىمىزنى، قىلغان دۇئالىرىمىز ۋە تائەت – ئىبادەتلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا مەقبۇل قىلغاي، ھيېتنى ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغاي!»