بوستون تۈرك كىنو - فىلىم فېستېۋالى

تاللانغان تۈرك فىلىملىرى قاتناشتۇرۇلىدىغان 20 – نۆۋەتلىك بوستون تۈرك كىنو – فىلىم فېستىۋالى 20- ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1617115
بوستون تۈرك كىنو - فىلىم فېستېۋالى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىنو – فىلىم فېستىۋالى جەريانىدا ھازىرقى زامان تۈرك كىنوچىلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئۈلگىلىرى ئامېرىكالىق تاماشىبىنلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

فېستىۋالدا رەھا ئەردەمنىڭ ئەڭ يېڭى فىلىمى «مەن سېنى تاپتىم يا!»، رەئىس چەلىكنىڭ «ئۆلۈك نېنى»، ئەرجان كەسالنىڭ «نېسىپ بولسا، نامزاتمىز»، سەرھات قارائاسلاننىڭ «كۆرۈلدى»، تانقۇت قالىنچنىڭ «دەرسائادەت ئائىلىكلەر بىناسى»، ئۈمىد ئۈنالنىڭ «مۇھەببەت، سېھىر ۋە باشقىلار» ۋە بارىش ئاتاينىڭ «ئەدەن» ناملىق فىلىملىرى كۆرسىتىلىدۇ.

فېستىۋالدا يەنە، دەنىز تورتۇمنىڭ «ماددىنىڭ ھالەتلىرى» ۋە ئېلىزابېت لونىڭ «خاتا» ھۆججەتلىك فىلىملىرىمۇ كۆرسىتىلىدۇ.

2001- يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان فېستىۋالدا نورمال كىنو – فىلىملەر بىلەن بىرلىكتە، 2006- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ھۆججەتلىك فىلىم ۋە قىسقا فىلىم مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتلانغان فىلىملەردىنمۇ ئارىيەلەر قويۇلىدۇ.

فېستىۋال جەريانىدا فىلىملىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرك رېژىسسورلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىر تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر