ئەنگلىيە ئالىملىرى ھاۋادىن د ن ئا يىغدى

ئەنگلىيەدىكى لوندون خانىش مارى (Londra Queen Mary) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى تۇنجى قېتىم ھاۋادىن د ن ئا (DNA) ئەۋرىشكىلىرىنى يىغدى.

1616676
ئەنگلىيە ئالىملىرى ھاۋادىن د ن ئا يىغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون خانىش مارى ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىملىرى ھاۋادىن د ن ئا يىغدى.

قانۇن دوختۇرى، ئانتروپولوگىيە ۋە خەلق ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار، بۇ خىل بايقاشنىڭ ھاۋادىكى كېسەللىكلەرنىڭ قانداق قىلىپ تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەمچى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

تەتقىقاتچىلار ھاۋا ئەۋرىشكىلىرىدىن ھايۋان تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلدى.

تەتقىقاتچىلار چاشقانلارنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى پومپا ۋە سۈزگۈچلەرنى ئىشلەتتى ۋە ئېرىشكەن ئەۋرىشكىلەرنى ئۆلچەملىك تەرتىپلەش قوراللىرىدا پايدىلاندى.

تەتقىقاتچىلار بۇ مېتودتىن پايدىلىنىپ چاشقاننىڭ د ن ئا سىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بايقىدى.

ھاۋا ئەۋرىشكىلىرىدە ئىنسانلارنىڭ د ن ئا سىمۇ تېپىلغان بولۇپ، بۇ ئەۋرىشكە ئېلىش تېخنىكىسىدىن ئەدلىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ تەتقىقات يەنە، ئالىملارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) قاتارلىق ھاۋادىن تارقىلىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر