ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ قايتا داۋالىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى
ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ(Kovid-19) داۋالانغان بىمارلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى، بىر ئاي ئىچىدە قايتا دوختۇرخانىدا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايرىش ئېگزەمىنەر (Irish Examiner) تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگلىيە لېستېر (Leicester) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ۋە 2020-يىلى 31-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 48 مىڭ بىمارنىڭ مەلۇماتلىرىنى تەتقىق قىلغان.
تەتقىقاتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ قايتىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلۇش ۋە ئۆلۈم نىسبەتلىرى، نەپەس يولى، يۈرەك-قان تومۇر، مېتابولىزم، بۆرەك ۋە جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ئېتىھتىمالى تەكشۈرۈلگەن.
تەخمىنەن 140 كۈن بويىچە كۆزىتىلگەن بىمارلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى قايتا دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان بولۇپ، 5 مىڭ 875 بىمار بۇ ۋاقىت ئىچىدە جېنىدىن ئايرىلغان.
تەتقىقاتچىلار ۋۇخەن ۋىرۇسى بىمارلىرىدا ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، بەدەن ئەزالىرى يېتىشمەسلىكى، نەپەسلىنىشتە قىينىلىش، دىيابېت، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى نىسبەتتە ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
تەتقىقاتچىلار تەتقىقات نەتجىسىنى «The British Medical» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.