كانادادا ئوقۇيدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولدى

كانادا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتى (British Columbia) دا ئوقۇۋاتقان كۇتھان چەلەبى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن ياش ئالەم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئۈچىنچى بولدى.

1608209
كانادادا ئوقۇيدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلار خەلقئارالىق مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا برىتىش كولومبىيە ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇىۋاتقان كۇتھان چەلەبى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارالىق مۇسابىقە بولغان «ئالەمنى بايقايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار» (Students for Exploration and Development of Space) جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «ياش ئالەم ئىگىلىك تىكلىگۈچىلىرى» (Young Space Entrepreneurs) مۇسابىقىسىگە، ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىسى بىلەن قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پۈتكۈل كانادادىن قاتناشقان كوماندىلار ئارىسىدا ئۈچىنچى بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، دەرىجىگە ئېرىشكەن لايىھەنىڭ ئالەم تەتقىقاتلىرى تەننەرخىنى ئازايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئالىملار تەرىپىدىن ئالەم ئىشلىرى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ، گۇۋاھنامە ئېلىش ۋە ئالەم سىناقلىرى ئۈچۈن نۆۋىتىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇساپىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن ۋە ئىنتايىن قىممەت ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق ئالەم پونكىتىدىكى بىر ئاسترونومنىڭ تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بىر سائەتلىك ھەققىنىڭ 130 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ لايىھەلىرىنىڭ، بۇ ئىشلارنى ئاسترونوملارغا ئېھتىياجى چۈشمەستىن ئاپتوماتىك ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر قاتار ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتىك سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۇ ھەم قىممەت، ئۇزۇن مۇساپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەمدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەتىجىگە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئالەمدە تارتىش كۈچى يوق بولغان ئەھۋالدا قىلىنىدىغان تەتقىقاتلارنىڭ مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تەننەرخى يۇقىرى جەريانلارنى بىر قانچە ھەسسە ئازايتىدىغان مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئالەم ساھەسىدە توپلايدىغان تەجرىبىلىرىمدىن كېيىنكى كۈنلەردە دۆلىتىمگە پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر